بەزى ياشلار ئەتىرنى يۈزگە سۈرتسە ھەم پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، ھەم تېرىنى ئاسرىغىلى بو

  بەزى ياشلار ئەتىرنى يۈزگە سۈرتسە ھەم پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، ھەم تېرىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ ھەمىشە ئەتىرنى يۈزىگە سۈرتىۋالىدۇ. بىراق ئەتىر يۈز تېرىسىنى ئاسرىماستىن، ئەكسىچە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

چۈنكى ئەتىرنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا مىس ماددىسى بار. ئۇنى يۈزگە سۈرتۈپ ئاپتاپقا چىقسا، قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئەتىر خىمىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، تېرىنى قىزارتىپ ئىششىتىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە ئاسانلا ياللۇغلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئەتىرنى يۈزگە سۈرتمەسلىك كېرەك. ئەتىرنى چاچقا، ياقىنىڭ تەتۈرىسىگە، بەل تەرەپكە ئاز مىقداردا چېچىپ قويسا كۇپايە.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۈرمىنىڭ رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈز تېرىسىنى ئاسراش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .