سۈپىتىگە قاراڭ كۆز ئەتراپىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بۇيۇمى بەك قۇرغاق بولۇپ كەتمەسلىكى

سۈپىتىگە قاراڭ. كۆز ئەتراپىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بۇيۇمى بەك قۇرغاق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئەسلىدىنلا قۇرغاق بولغاچقا، ئۇنىڭغا قۇرغاق گىرىم بۇيۇمى ئىشلەتسە، قورۇقلار تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

ئاپتاپتىن ساقلاش كۆرسەتكۈچىگە قاراڭ. كۆز ئەتراپىغا ئىشلىتىدىغان ماينىڭ ئاپتاپتىن ساقلاش كۆرسەتكۈچى يۈز تېرىسىگە ئىشلىتىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ئوخشاش بولسا بولىدۇ، ياز پەسىلدە ئاپتاپتىن ساقلاش كۆرسەتكۈچى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

تەركىبىگە قاراڭ. ئۇنىڭ فىزىكىلىق تەركىبىگىلا قارىماي، تېرە ئاسراش ئىقتىدارىغىمۇ قاراش كېرەك. تەركىبىدە ۋىتامىن C قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار مەھسۇلاتنى تاللىسىڭىز، ئاپتاپتىن ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .