ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ قاراش نۇرغۇن ھامىلىدارلار گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن، سىماب، ھورمۇن قاتارلىق زىيانلىق تەركىبلەرنىڭ ھامىلىگە ئەكس تەسىر بېرىشىدىن ئەنسىرەپ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەيدۇ

لېكىن مېدىتسىنادا كۆرسىتىلىشىچە، تېرە تۇقۇلما قۇرۇلمىسى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.بۇ ۋاقىت تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بېرىش كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ تېرە ئاسراس بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك دەپ قاراش. نۇرغۇن ھامىلىدارلار بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى بىخەتەر دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا. لېكىن بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گلىتسېرىن بولۇپ، ھامىلىدارلارنىڭ تېرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قاراش. بەزىلەر بىر خىل ماركىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنمۇ شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلىتىۋېرىدۇ ياكى تۇغۇپ قوپقاندىن كېيىن ئەمدى بالىغا ئەكس تەسىرى بولمايدۇ دەپ قاراپ ئەسلىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ بىر خىل خاتا قاراش. چۈنكى ئادەتتىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىكى ھورمۇن قاتارلىق خىمىيىلىك تەركىبلەر بالىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى كېرەك.

بىر خىللا تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلەتكەن ياخشى دەپ قاراش. بەزى ھامىلىدارلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىللا تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن بۇ خىل قاراش خاتا. بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم مەخسۇس ئىشلەنگەن يۈرۈشلۈك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىقسۇنىڭ گۈزەللەشتۈرۈشتىكى كىچىك روللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .