چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

گېرمانىيە————قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان .


   بىرۇنېي————چارتال يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىش بىرۇنېيلىقلار چارتال يوپۇرمىقىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار ، ئۇنى قاينىتىپ ئىچسە ، قاندىكى ياغنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ ، دەپ قارايدۇ .  

   ھىندىستان————يوگا مەشىق قىلىش ھىندىستاننىڭ يوگا گۇمپىسى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ ، ھىندىستاندىكى سېمىز كىشلەر يوگا مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، بەدەندىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى يوقىتىپ ، ئورۇقلايدۇ. 

   مېكسىكا————دېڭىز يۈسۈنى ئىستېمال قىلىش مېكسىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ، دېڭىز يۈسۈنى ۋە كوففېئىن ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ ، بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلسا ، ئورگانىزمدىكى ئارتۇقچە ياغلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 


ئىسرائىلىيە————تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئېيتىلىشچە ، تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنغاندا سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن . شۇڭا ، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان سېمىز كىشلەر ئۆلۈك دېڭىزغا چۆمۈلگىلى كېلىدىكەن . 


ئارگېنتىنا————قىزىلمۇچ يېيىش تەتقىقاتتا قىزىلمۇچتىن ئايرىۋېلىنغان مۇچ ئېلېمېنتىنىڭ ياغنى ئېرىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . شۇڭا ، ئارگېنتىنالىقلار مۇچ بىلەن بەدەننى ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مۇچ ئاسانلا تېرىگە سىڭىپ كىرىپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 


فىلىپپىن———— سەبرە ئىشلىتىش سەبرە (ئالوي) تېرىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تېرە ئاستىدىكى ياغنى پارچىلايدۇ ياكى ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۇڭا فىلىپىنلىقلار سەبرىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىشىنىدۇ .

ئەسلى مەنبە: «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن ئېلىندى.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ ياش تۇرۇشىدىكى سىرلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .