*خانىم – قىزلارنىڭ بىريىل ئىچىدە چېچىنى بوياش قېتىم سانى 12 قېتىمدىن ئېشىپ كەتس

 

   *خانىم – قىزلارنىڭ بىريىل ئىچىدە چېچىنى بوياش قېتىم سانى 12 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە ، لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى چېچىنى بويىمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %26 يۇقىرى بولىدىكەن.

 

    * كۈچلۈك ئاپتاپ نۇرى خانىم – قىزلارنىڭ تېرىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەتتا تېرە راكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . شۇڭا خانىم – قىزلار كۈن نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

   * پەرزەنتلىك بولۇش ۋە بالىسىنى ئېمىتىپ بېقىش ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

 

   * ئاياللارنىڭ بەك سېمىز ۋە بەك ئورۇق بولۇشىمۇ يۈرەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ . شۇڭا ئاياللار يۈرىكىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۈچەپ ئورۇقلىماسلىقى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاتلىقياڭيۇ ئاياللارنىڭ كلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى بىئاراملىقنى يېنىكلىتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىتتىك مېڭىش ئاياللارغا پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .