1 ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى پىيالە قايناق سۇ ئىچىش 2 بىر تابلېتكا بىرىكمە ۋىتامىن ئىچ

 


1.ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى پىيالە قايناق سۇ ئىچىش.

2. بىر تابلېتكا بىرىكمە ۋىتامىن ئىچىش. ئەگەر يېشى 30ياشتىن ئاشقان بولسا، قېرىلىقتىكى ماغدۇرسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىتامىن C، ۋىتامىن E نى چوقۇم تولۇقلاش لازىم.

3. ئاچچىقسۇ ئىچىش. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىنسا، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4. بىر پىيالە قېتىق ئىستېمال قىلىش. سۈتنىڭ كالىتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەر قانداق يېمەكلىكتىن يۇقىرى. بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى قېتىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، ئاياللار كۈندە بىر–ئىككى پىيالە قېتىق ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

5. بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ ئىشلىتىش. يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سۇغا بىر پارچە پاكىز داكىنى چىلاپ، ئاندىن يۈزگە يېپىش، داكا قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە داكىنى ھۆللەپ شۇ يوسۇندا قايتا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يۈزگە بىر قېتىملىق مىكرو ئېلېمېنت ئوزۇقلۇقى تولۇقلىغانغا باراۋەر بولىدۇ.

6. بىر دانە پەمىدۇر يېيىش. مېۋە–چېۋە ۋە كۆكتاتلار ئارىسىدا، پەمىدۇردىكى ۋىتامىن ئەڭ مول. كۈندە بىر دانە پەمىدۇر يەپ بەرسە، بىر كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن C نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاددىي رىتسىپلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ھورمۇندىن ئايرىلماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .