1- كيىم-كىچەكنىڭ زىيادە تار بولۇشى، سۈنئىي تالالىق بولۇشى ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ،

 

1- كيىم-كىچەكنىڭ زىيادە تار بولۇشى، سۈنئىي تالالىق بولۇشى ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ، قىز-ئاياللار تار لىپتىكلەرنى تاقىسا ۋە تار كىيىملەرنى كىيسە، كۆكرەك قىسىمى بىسىمغا ئۇچراپ، سۈت بېزى كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئەمچەك توپچىسى ياخشى يېتىلمەي ئچىگە كىرىپ كىتىدۇ. سۈت نەيچىسى قىسقىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئېتىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەمچەك سولىشىپ، شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.

2. يېمەك-ئىچمەكنىڭ ناچار بولۇشى، قۇۋۋەتلىك يېمەسلىك، ئورۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭمۇ زىينى بولۇپ، ئەمچەكنىڭ تولۇق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ.

ئۇندىن باشقا ھاراق ئىچىش ئەڭ زىيانلىق بولۇپ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

3. ئەمچەك تازلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ياز پەسلىدە ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنى پات-پات يۇيۇپ تۇرماسلىق، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىلدە يۇيۇپ تۇرمىغاندا ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ، يەنى سۈتنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى، سۈت بېزى ياللۈغى قاتارلقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئېغىر بېسىمغا يەنى ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشقا ئۇچراش، ئەمچەك زەخمىلىنىش قاتارلقلارمۇ ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ، ئاسانلا ئەمچەكتە تۈگۈنچە شەكىللىنىپ قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىقتىن ھەرخىل يامان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئەمچەك توپچىسىنىڭ زەربە تۈپەيلىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

5. بالىنى تولۇق ئېمىتمەسلىك، بالدۇر سۈتتىن ئايرىۋىتىش، ۋاقتىدا ئېمىتمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈتىنىڭ ئەمچەكتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ بۇزۇلۇپ، يەرلىق ئورۇننى غىدىقلىشى سەۋەبىدىن سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئەمچەك دائىم چىڭقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋىلىپ، ئەمچەكتە مونەكچە شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مۇۋاپىق چېنىقماسلىق. ئەمچەككە مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق سەۋەبىدىن ئەمچەك تولۇق يېتىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. زىيادە سېمىزلىك ۋە رادىئاكتىپلىق نۇرلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. روھى ئامىلنىڭمۇ سۈت چىقىرىشقا تەسىرى بولىدۇ. ئېمتىش مەزگىلىدىكى روھى ئازاب، ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىش، خىيالچان بولۇش قاتارلىقلارمۇ چوڭ مېڭە پوستىلىقى ئارقىلىق ھىپوفىزنىڭ رولىغا تەسىر كۆرستىپ، سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشنى ئازايتىش نەتىجىسىدە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىۋىتىدۇ.
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئىچىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىچىملىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق يېمەكلىكەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .