ئامېرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن باي

ئامېرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئاياللار مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئۇلارنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋىپى تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار77000نەپەر ئاياللارغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تەجىرىبە ئېلىپ بېرىلغان16يىل ئىچىدە جەمئىي6600نەپەر ئايالنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشكەنلىگىنى بايقىغان.

ئالىملار بۇنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئادەتتە مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللارنىڭ ، مېۋە–كۆكتاتلارنى ئانچە كۆپ ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارغاندا ئۆتىگە تاش چۈشۈش نىسبىتىنىڭ%21 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئالىملار بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ مېۋە–كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋېتامىنCنىڭ مول بولغانلىقىدا دەپ قارىغان شۇنداقلا ئاياللارنىڭ مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ۋە ساغلام بەدەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قىزلار ئەڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان چاغلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .