تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئۇزۇن مۇددەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلسا ، بەدەننىڭ تۈرلۈك ماددا ئالماشتۇرۇشىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ئاچ قورساق چاغدىكى قان قەنتى ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن

ئادەتتە ئۇدا ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغانلارنىڭ قان قەنتى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن .

شۇڭا ، ئۇزۇن مۇددەت ھامىلدارلىق ساقلىنىش دورىسى ئىچكەن ئاياللار ئاز دېگەندە يېرىم يىلدا بىر قېتىم قان قەنتىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك .

زىيابىتۇس(دىئابىت) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ياكى جەمەتىدە زىيابىتۇس كېسەل تارىخى بار ئاياللار ئىمكانقەدەر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قەھۋەنى كۆپ ئىچىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار چىشىنى داۋالاتقاندا قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .