ئاقخۇننىڭ شەكىللىنىشى ئاياللىق ھورمون 雌激素بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، يەنى ياشلىق دەۋرىدىن بۇرۇنقى قىزلاردا ئاقخۇن بولمايدۇ

ئاقخۇن|白带
 
ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، تۇخۇمدان يىتىلىشكە باشلايدۇدە ، ئاياللىق ھورمون ئىشلەپ چىقىرىپ ، قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاقخۇن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ .
 
ھەرقېتىملىق ئادەت كەلگەن ۋاقىتتا ، ئاياللىق ھورمون گاھ كۆپ ، گاھ ئاز ئاجرىلىپ چىققاچقا ، ئاقخۇنمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ مىقداردا ھەم سۈپىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ . 
 
نورمال ئەھۋال ئاستىدا ، ئىككى قېتىملىق ئادەت كېلىش ۋاقتىنىڭ دەل ئوتتۇرىدىكى كۈندە يەنى تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىش ئەڭ ئاكتىپ كۈندە ، ئاياللىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاچقا ، بۇ كۈنلەردە ئاقخۇنمۇ كۆپ ،رەڭسىز سەل شىلىمشىق بولۇپ ، سوزۇپ يىپ ھالىتىگە ئەكەلگىلى بولىدۇ ، ھەم سىرتقى جىنسىي يول سەل نەملەشكەندەك بولىدۇ . 
 
تۇخۇم چىقىرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ھامىلدار ھورمونى كۈچىيىپ ، بالىياتقۇ بوينىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشى تورموزلىنىدۇ دە بۇ چاغدا ئاقخۇن ئاز كېلىدۇ ھەم قويۇق بولىدۇ . 
 
ئادەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە داش بوشلۇقى قانغا تولۇپ ، جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇق جىق ئاجرىلىپ چىقىدۇ شۇڭلاشقا ئاقخۇنمۇ سەل كۆپىيىشكە باشلايدۇ ، بۇ ئاقخۇننىڭ ئىچىدە ئادەت كەلگەن چاغدىكى بالىياتقۇ تېمىدىن ئاجرىلىپ چۈشكەن ھۈجەيرىلەر بولغاچقا ، ئاقخۇن سەل دۇغسىمان كۆرۈنىدۇ . 
 
ئۇنىڭدىن سىرت ، ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا ، جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىدىكى ھاياجانلانغاندا ، ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىمۇ ئاقخۇن كۆپىيىدۇ . 
 
خانىملارنىڭ يېشى بىر يەرگە بارغاندا يەنى 45~50 بارغاندا ، ئادەت كېسىلىپ تامامەن توختايدۇ ، بۇ چاغدا تۇخۇمداننىڭ رولىمۇ ئاجىزلىشىپ ، بەدەن ئىچىدىكى ئاياللىق ھورمون ئازىيىدۇ ، شۇڭا ئاقخۇنمۇ ئازلاپ تۈگەيدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاقخۇن دىگەن نىمە؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قەھۋەنى كۆپ ئىچىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .