قىزلار ياشلىق ئۆسۈلۈپ يېتىلىش دەۋرىدە ، جىنسىي ئەزاسىدا ئاق خۇن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدۇ ئاق خۇن خۇددىي قىزلاردا كېلىدىغان ئادەت)ھەيز(گە ئوخشاش ، خانىم-قىزلارنىڭ ئۆمىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا بىللە بولىدۇ

ئاقخۇن|白带

ئاق خۇن بالىياتقۇ بويىنىدا ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدۇ يەنى تۇخۇمداندىن كەلگەن ئاياللىق ھورموننىڭ تەسىرىدە بالىياتقۇ بوينىدىكى ھۈجەيرىلەر غىدىقلىنىپ ، رەڭسىز ياكى ئاز مىقداردا ئاق رەڭدە بولغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئىشلەپ چىقىرىدۇ ، مانا بۇ بىز دائىم دەيدىغان ئاقخۇن 白带بولىدۇ .
 
ئاقخۇن خانىم قىىزلاردا كۆرۈلىدىغان نورمال ئەھۋال . نورمال ئاق خۇن ئادەتتە رەڭسىز ياكى ئاقۇش بولۇپ ، ئاز تولا چۈچۈك پۇراقلىق بولىدۇ . ئاقخۇننىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى ،رەڭگى ھەم ھالىتى ، قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ھەيىزنىڭ دەۋرىيلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . 
 
ياشلىق دەۋرىدە ئۆسۈپ پىشىپ يىتىلىۋاتقان جەرياندا تۇرغان قىزلارنىڭ ھەيىز كېلىش ۋاقتى بىنورمال تۇراقسىز ، تۇخۇمداننىڭ رولى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا ، ئاقخۇن ئاز ھەم سۇس رەڭدە كېلىشى مۇمكىن . قۇرامىغا يەتكەن پىشىپ يېتىلگەن خانىملار تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىمۇ 排卵期 ، ئاقخۇن ئاز ھەم رەڭسىز كېلىش ، سۈزۈك ، خام تۇخۇمنىڭ سۈزۈك ھالىتىگە ئوخشاش كېلىشى مۇمكىن . تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىن كېيىنكى 2-3 كۈندە ئاقخۇن بارا-بارا ئازلاپ قۇيۇقلاپ ماڭىدۇ ھەم ئاقىرىشقا باشلايدۇ . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىزلارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاقخۇن قاچان باشلىنىپ قاچان توختايدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .