ئاياللار بېلىق يەپ بەرسە، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنى تۆۋەنلىتىدىكەن تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، بېلىق گۆشى تەركىبىدە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ ، ئادەم بەدىنىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدىكەن



بۇنداق ياغ كىسلاتاسى يەنە قان پىلاستىنكىلىرىنى تۆۋەنلىتىپ ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى ۋە مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرى تەتقىقات ئارقىلىق ، دائىم بېلىق يەپ بەرسە، ئاياللارنىڭ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، سىل كېسىلى ۋە بوغۇم ياللۇغى بارلار ھەمدە قاناش خاراكتېرلىك كېسىلى بار ئاياللار بېلىق يېمەسلىكى كېرەك .

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بېلىققا بولغان سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولغانلارمۇ بېلىق يېيىشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قىزلارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .