نورۋېگىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋاقتى 15 يىل بالدۇر بولىدىكەن تاماكا چېكىدىغان ئەرلەردە بولسا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار

 
   نورۋېگىيە ئېنلاندىت دوختۇرخانىسىدىكى دوكتور مورتىن گروندىۋىگ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 1784 يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يېشى 66 ياش، تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يېشى 81 ياش بولغان.

تاماكا چەكمەيدىغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يېشى 72 ياش، تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يېشى 64 ياش بولغان. تەتقىقاتچىلار يەنە، تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىغان يېشىنىڭمۇ بالدۇر بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش يېشىمۇ بالدۇر بولىدىكەن.
 
   بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تېببىي ساھەدىكىلەر ئىزچىل ئانىلىق ھورمۇنى ئاياللارنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ، دەپ قارىغانىدى. ئەمما، دوكتور مورتىن گروندىۋىگنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماكا چېكىش نەتىجىسىدە ئاياللار ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە بالدۇر كىرىدىكەن، يۈرەك كېسىلىگىمۇ بالدۇر گىرىپتار بولىدىكەن.
 
مۇنىرە مەسغۇت تەرجىمىسى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .