پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: پۇرچاق تۈرىكى يېمەكلىكلەردە مول تۆمۈر ماددىسى بار ئ

 پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: پۇرچاق تۈرىكى يېمەكلىكلەردە مول تۆمۈر ماددىسى بار . ئەگەر بەدەندە تۆمۈر ماددىسى يېتىشمىسە ، ئاسانلا تۆمۈر ماددىسى كەملىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ . ئادەتتە بۇ خىل قان ئازلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ . شۇڭا ئاياللار ئەتىگەندە ناشتا قىلغاندا ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەنگە كېرەكلىك تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاپ ، قان ئازلىقنى ۋە باشقا تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .
 
   بانان : بانان يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ ، تەركىبىدە ئادەم ئاسانلا قوبۇل قىلىدىغان كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىدىن باشقا يەنە كالىي تەركىبىمۇ مول . كالىي يۈرەكنىڭ سوقۇشى ، قان-تومۇرلارنىڭ قىسقىراپ-كېڭىيىشى ، مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشى قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە . شۇڭا ئاياللار ناشتىدا بانان يەپ بېرىشنى ئادەت قىلسا بەدەننى يۇقىرى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە ، بەدەندە كالىي كەملەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
 
   بۆلجۈرگەن : بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بولۇپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
 
   ئارپا ئۇمىچى : بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېلليۇلوزا بولۇپ ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئاستىلىتىپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، قان قەنتىنى نورمال ساقلاپ ، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .
( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار كۈزلۈك ساغلاملىقى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كېسەل كۆرسىتىشتە ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ناتوغرا ئادەت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .