ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىك

  ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن .
 
    ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر ، مەسىلەن ، پالەك ، ئالما ، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاي تەركىبىدە %30- %50 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ .
 
ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى%10گە يېتىدۇ . بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك ، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز .

 
 
 بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . ناۋادا بوشىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش ، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ .
  ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ . چۈنكى ، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە ، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ ، سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
 
  ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ . ھەيزى كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا ، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ، ئاسان ھاياجانلىنىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز .
 
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ بۇرنى يازدا تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار كۈزلۈك ساغلاملىقى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .