گېرمانىيە————قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش

 
گېرمانىيە————قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان .
 
   بىرۇنېي————چارتال يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىش بىرۇنېيلىقلار چارتال يوپۇرمىقىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار ، ئۇنى قاينىتىپ ئىچسە ، قاندىكى ياغنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ ، دەپ قارايدۇ .  
 
   ھىندىستان————يوگا مەشىق قىلىش ھىندىستاننىڭ يوگا گۇمپىسى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ ، ھىندىستاندىكى سېمىز كىشلەر يوگا مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، بەدەندىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى يوقىتىپ ، ئورۇقلايدۇ. 
 
   مېكسىكا————دېڭىز يۈسۈنى ئىستېمال قىلىش مېكسىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ، دېڭىز يۈسۈنى ۋە كوففېئىن ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ ، بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلسا ، ئورگانىزمدىكى ئارتۇقچە ياغلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 
 
ئىسرائىلىيە————تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئېيتىلىشچە ، تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنغاندا سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن . شۇڭا ، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان سېمىز كىشلەر ئۆلۈك دېڭىزغا چۆمۈلگىلى كېلىدىكەن . 
 
ئارگېنتىنا————قىزىلمۇچ يېيىش تەتقىقاتتا قىزىلمۇچتىن ئايرىۋېلىنغان مۇچ ئېلېمېنتىنىڭ ياغنى ئېرىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . شۇڭا ، ئارگېنتىنالىقلار مۇچ بىلەن بەدەننى ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مۇچ ئاسانلا تېرىگە سىڭىپ كىرىپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 
 
فىلىپپىن———— سەبرە ئىشلىتىش سەبرە (ئالوي) تېرىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تېرە ئاستىدىكى ياغنى پارچىلايدۇ ياكى ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۇڭا فىلىپىنلىقلار سەبرىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىشىنىدۇ .
 
ئەسلى مەنبە: «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن ئېلىندى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .