سىز تېخىچە قاپىقىڭىز تارتسا ‹‹سول قاپاق تارتسا ئاپەت، ئوڭ قاپاق تارتسا ئامەت››دەپ يۈرەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئىلمىي بولمىغان قاراش بولۇپ، ئادەتتە قاپاق تارتىش فىزىئولوگىيىلىك ۋە پاتولوگىيىلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ

   فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش بولسا كۆز قاپىقىدا كۆز قىسمىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئېللىپىس شەكىللىك ھالقىسىمان نېپىز مۇسكۇل ۋە كۆز قاپىقى مۇسكۇلى بولۇپ، ھالقىسىمان مۇسكۇل يىغىلغاندا كۆز قاپىقىمۇ يېپىلىدۇ، كۆز قاپىقى مۇسكۇلى ئىچىلغاندا كۆز قاپىقىمۇ ئېچىلىدۇ.قاپاق تارتىشمۇ دەل مۇشۇ ئىككى خىل مۇسكۇلنىڭ توختىماي ئېچىلىپ يېپىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

قاپاق تارتىشنىڭ سىگنالى

   ئادەم ئادەتتە 6~20سېكونتقىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم چىمچىقلىتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا كۆز بىر قىتىم چىمچىقلىتىلسا قاپاقمۇ بىر قىتىم تارتىدۇ.لېكىن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىنىڭ يىغىلىپ ئېچىلىشى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا ئۇنى سەزگىلى بولمايدۇ.ئەمما ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان نېرۋىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ياكى تىتىرىشى بىلەن قاپاق ئىختىيارسىز تارتىدۇ. قاپاقنىڭ تارتىشى مۇسكۇلنىڭ توك چىقىرىشىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئىلىم بويىچە ئېيىتقاندا كۆز ھالقىسىمان مۇسكۇل ئۇچى نېرۋىلىرىدىكى نېرۋا يىلىك غىلىپىنىڭ ئېلېكتىر پوتېنسىئالىغا تەسىر قىلىپ زەرەتسىزلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسكۇلنىڭ تىتىرەش ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت.

    فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش ئادەتتە ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق، ھېرىپ–چارچاش ياكى قەھۋە، ئاچچىق–چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدا ياخشى ئارام ئېلىپ، قېنىپ ئۇخلىسا، قاپاقنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، كۆز ھارارىتىنى تۆۋەنلەتسىلا بۇخىل ئالامەتلەر يوقايدۇ.

   پاتولوگىيىلىك قاپاق تارتىش بولسا كۆپ ھاللاردا ئورگانىزملىق قان–تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ياكى كۆز مۇسكۇلى نېرىپلىرىنىڭ زەرەتسىزلىنىشى، قىل تومۇرلار ۋە نېرىپلارنىڭ زەرەتلەشمەسلىكى ياكى زەرەتلىشىش دائىرىسىنىڭ زورىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدا ئادەتتە كۆزنى توختىماي چىمچىقلىتىش،چىراي(يۈز قىسىمى)تارتىشىش،ھەتتا كۆز قاپاق مۇسكۇلى تارتىشىش،قاپاق ئېچىلماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.بۇنداق ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  قاپاق تارتىشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى :

   ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق،ھەددىدىن زىيادە چارچاش. قاپىقى توختىماي تارتىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەنلەر ئىچىدىكى 80–90 پىرسەنتى ئاساسەن كېچىلەپ ئۇخلىماي چارچاپ كەتكەنلەر بولۇپ،ياخشى ئارام ئالماسلىق سەۋەبىدىن ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ،قاپاق نۇرمالسىز تارتىدۇ.

   كەيپىياتنىڭ تەسىرى . بەزى چاغلاردا پسىخولوگىيىلىك ئامىلمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن،ئادەم خۇشال بولغان ياكى خاپىلىق تارتقان ۋاقىتلىرىدا كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.بۇمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ خىل قاپاق تارتىش كەيپىيات نۇرماللاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.

  قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلىش . قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلسا،كوفېئىننىڭ نېرىپكە تەسىر قىلىشى بىلەن قاپاق تارتىدۇ.شۇڭا قەھۋە ياكى قېنىق چاينى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   كالتىسىي كەملەش . كالتىسىي–نېرىپنى غىدىقلايدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ،بەدەندە كالتىسىي كەملەش ككرۈلسە قاپاق ياكى ئېغىز تاتىدۇ،قول–پۇتمۇ تىترەيدۇ.

   قىسمەن مۇسكۇلنىڭ ئېچىلىشى نورمالسىزلىنىش .بۇنداق بىمارلاردا ئادەتتە قاپاق تارتىشقا قوشۇلۇپ يەنە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ پەيدا بولىدۇ.

   كۆز كېسەللىكلىرى . يىراقنى ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك،نۇر يىغالماسلىق،ئېغىر ھالدىكى ككز قۇرغاقلىق كېسىلى،كىرپىك تەتۈر ئۈنۈش،بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى،مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتاربولغانلاردىمۇ قاپاق تاتىش بولىدۇ.

   مېڭىدە ئۆسمە بولۇش . ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،ئادەتتە مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش،ئۆمۈچۈك تورى پەردىسى چاپلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى–كەينىدە سۈيدۈك ئاقسىلىنىڭ يوقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قاندىكى كالتىسىي تۆۋەنلىگەنلىكتىن قاپاق تارتىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ھورمون تەڭپۇڭ بولماسلىقتىن قاواق تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، قىزىتما ئۆرلەش، ھېق تۇتۇش تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش كېلىپ چىقىدۇ.

قاپاق تارتىشنى داۋالاش ئۇسۇلى:

   قاپاق تارتىش ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە،دوختۇرغا كۆرۈنۈش،ئەگەر مەسىلە كۆرۈلمىسە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.چۈنكى بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان دورا ئاساسەن ھەرىكەت توسالغۇسىنى تەڭشەيدىغان دورا بولغاچقا،ئۇيقۇ كەلتۈرۈپ تىنچلاندۇرۇش رولىنىلائوينايدۇ.شۇڭا ئادەتتە قاپاق تارتىش نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگىدەك دەرىجىدە بولسا ئاندىن دورا ئىشلەتسە بولىدۇ،بولمىسا دورا ئىشلىتىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.ئەگەر قاپاق بەك تارتىپ توختىماي قالسا،ۋىتامىنB ياكى نېرىپنى زەرەتلەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

   قىسقىسى،تۇرمۇش رېتىمىنى نورماللاشتۇرۇش،ياخشى ئارام ئېلىش،چارچاپ كەتمەسلىك،كەيپىياتنى تەڭپۇڭ تۇتۇش لازىم.شۇندىلا قاپاق تارتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ئۆپكە كېسىلىدىن بەكرەك ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارنىڭ ياش تۇرۇشىدىكى سىرلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .