ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن

ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ ؟

    ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، پالەك، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. چاي تەركىبىدە ٪30- ٪500 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ .

   ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى ٪10گە يېتىدۇ. بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە  يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز .

 بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ناۋادا بوشىنىشتىن  ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ .

  ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك  كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ، سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

  ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ. ھەيزى كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا  باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئىشخانىدىكى بەزى يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .