ھاۋا سوۋۇغاندا نۇرغۇن خانىم – قىزلار ئۆتۈك كىيىۋالىدۇ ئۆتۈك گەرچە يارىشىملىق بولسىمۇ، بىراق «ئۆتۈك كېسىلى» قىشتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ «ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى»دە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ئۆتۈك كېسىلى» ئاساسلىق «باش بارماق تېشىغا ئۆرۈلۈش»، « ئوشۇقتىكى قان تومۇرلار توسالغۇغا ئۇچراش»، «پۇت تەمرەتكىسى» قاتارلىق پۇت كېسەللىرىنى كۆرسىتىدىكەن

    باش بارماق تېشىغا ئۆرۈلۈش —— ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە ئادەمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى پۇتنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ، پۇتقا چۈشكەن بېسىمدا ئۆزگىرىش بولىدۇ – دە، باش بارماق تېشىغا ئۆرۈلۈپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا باش بارماقنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    ئوشۇقتىكى قان تومۇرلار توسالغۇغا ئۇچراش—— پۇتنىڭ ئىككىنچى يۈرەك، دېگەن نامى بار، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىدا پۇتنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئۆتۈكنىڭ قونچى بەك ئېگىز بولسا، پەنجىسى پۇتنى بېسىۋالىدۇ – دە، پۇت دۈمبىسى ۋە ئوشۇق بوغۇمىدىكى قان تومۇر، نېرىپلار بېسىلىپ، پۇت، ئوشۇق ۋە بولجۇڭگۆش توقۇلمىلىرىدىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇتتىكى پەي غىلىپى ياكى نېرىپلار ياللۇغلىنىپ پۇت ئۇيۇشۇش، ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مانا بۇ دەل ئوشۇقتىكى قان تومۇرلارنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىدۇر. كېسەللىك ئامىللىرى تۈگىتىلگەندە يەنى راھەت ئاياغ كىيگەندە بۇ خىل ئالامەتلەر بىر – ئىككى ھەپتىدىلا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

    پۇت تەمرەتكىسى —— قونچى ئېگىز ئۆتۈكنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ماڭغاندا پۇتتىن چىققان ئىسسىق ھاۋا دەرھال تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوكسىگېندىن قاچىدىغان باكتېرىيە، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەنىڭ چوڭىيىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ھارارەت يارىتىلىپ، ئاسانلا پۇت تەمرەتكىسى ياكى پۇت تېرىسى كېسەللىرى پەيدا بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ كۆپ قەۋزىيەت بولۇشى قېرىشنىڭ بەلگىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىشخانىدىكى بەزى يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .