تېببىي تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئادەم بەدىنىدىكى %90 كېسەللىك ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن چوڭ تەرەت بىر كۈن ماڭمىسا، سالامەتلىككە ئۈچ قاپ تاماكا چەككەندەك زىيىنى بولىدىكەن

 بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جۇ مېي ئۈچەينىڭ قېرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى قەۋزىيەت، چۈنكى، ئادەم بەدىنى زاۋۇتقا ئوخشايدۇ، كۆپ مىقداردىكى گەندە ئۈچەي يولىنى توسۇۋالغاندا، زاۋۇت نورمال مەشغۇلات قىلالمايدۇ. ئەگەر توكسىن، ئەخلەتلەر ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلمىسە، ئۈچەيدە قايتا سۈمۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرە قارىدايدۇ، مودۇر ئۆرلەيدۇ، ئېغىز پۇرايدۇ، دېدى.

 قەۋزىيەت ئاياللار بەدىنىدىكى توكسىننى كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، ئىچكى ئاجراتما تەرتىپسىزلىشىدۇ، مىكرو ئېلېمېنتلار تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. نەتىجىدە تېرە قارىدايدۇ، قىچىشىدۇ، يۈز تېرىسى سەتلىشىدۇ، چاچ قۇرغاقلىشىدۇ، سېرىق داغ چۈشىدۇ، دانىخورەك ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېنىك دەرىجىدىكى قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، روھى چۈشكۈنلىشىش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش دېگەندەكلەر. ئەگەر بەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە، كەم قانلىق، يېتىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم كۈچەپ تەرەت قىلىۋەرگەندە، گېموروي بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرىلايدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، قەۋزىيەت ئەمچەك توقۇلمىلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىپ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %5، ھەپتىدە ئىككى قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %25 بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەۋزىيەت بولغاندا توكسىن يىغىلىپ قېلىپ، قانغا كىرىدۇ ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋېلىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ماددا ئالمىشىشنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

 قېرىش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ھاياتلىق جەريانى، ئەمما بىز قېرىشنى كېچىكتۈرەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك:

 1. سەھەردە بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىپ بېرىش توكسىننى ھەيدەشكە پايدىلىق.

 2.تاماقنىڭ ۋاقتى ۋە مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك. چىلىغان سەي، ئىسلىغان، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك؛ قاقلانغان، كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز يېيىش كېرەك؛ تالاسى كۆپ قارا ئاشلىق، كۆكتات، يېڭى مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپ ئېستىمال قىلىش كېرەك.

 3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە پايدىلىق.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ ئۆڭىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆتۈك كىيىشتىن پەيدا بولىدىغان ئۈچ خىل كېسەلدىن ئېھتىيات قىلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .