يۈز تېرىسىنى ئاسراشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

 1. قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئىلىمان قايناقسۇغا چىلاپ، ئەسلىي ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، سۈيىگە ئازراق زەيتۇن مېيى تېمىتىۋېتىپ يۈزگە چاپلاپ، 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمشاق قىلىدۇ.

يۈز تېرىڭىزنى مۇنداق ئاسراڭ

 2. يېرىم پىشقان شوخلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئاۋۋال يۈزىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ، پاختا بىلەن شوخلا سۈيىنى يۈزگە سۈرتۈپ ئىككى سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى قىزىل، پارقىراق ھەم يۇمران قىلىدۇ.

 3. ھەر كۈنى كەچتە كالا سۈتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۈزگە سۈركەپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تەرخەمەك سۈيى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئازراق بۇغداي ئۇنى ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يۈزگە چېپىپ بىر سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلدا داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈزدىكى ھەرخىل داغلارنى تەدرىجىي يوق قىلىدۇ ياكى ئازايتىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشى كەچلىك تاماق ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارنىڭ ئۆڭىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .