ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشى كەچلىك تاماق ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەچ سائەت 8:00 دىن كېيىن تاماق يېيىشنىڭ خەتىرى چوڭ ئىكەن

 تەتقىقاتچىلار كېچە سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %80؛ كېچە سائەت 12:00 دىن سەھەر سائەت 2:00 گىچە تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %120؛ سەھەر سائەت 2:00 دىن 4:00 كىچە تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %90 ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىققان.

 تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېچىسى تاماق يېيىشنى 20 يىل ۋە ئۇنىڭدىن كۆپرەك داۋاملاشتۇرغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا %128 يۇقىرى بولىدىكەن.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاتلىق ئىچىملىك ئاياللاردا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى پەيدا قىلىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈز تېرىڭىزنى مۇنداق ئاسراڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .