ئاياللار ئادەتتىكى چاغلاردا قان تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بىراق قانداق چاغدا قان تولۇقلاشنى بىلىشمۇ بىر ئىلىم دەل ۋاقتىدا تولۇقلانغان قان ئاياللارنى گۈزەل رۇخسارغا ئىگە قىلىپ، ياشلىق باھارىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالىدۇ ئۇنداقتا ئاياللار ئۆزىنىڭ قان تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟

ئاياللار ئۆزىنىڭ قان تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟

1كۆزگە قاراش

ئەگەر كۆز ئېقىنىڭ رەڭگى دۇغلىشىپ سارغايغان، قىلقان تومۇرلار كۆرۈنۈپ قالغان، كۆز قۇرغاقلىشىپ قاپاقلار ساڭگىلىغان ۋە كۆز خالتىسى چوڭلاپ كەتكەن بولسا، بۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. ئەكسىچە ھەرقانداق چاغدا كۆز يوغان ئېچىلىپ تۇرسا، كۈچ -  ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2تېرىگە قاراش

تېرىدە قورۇق ھەم داغلار بولمىسا، پارقىراق ھەم ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولسا، بۇ كۈچ - ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە تېرە يىرىك، نۇرسىز، داغ چۈشكەن، تۇتۇق، سارغايغان، تاتارغان، كۆكىرىپ قالغان ياكى قىزىرىپ قالغان بولسا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

3چاچقا قاراش

چاچ قارا، قويۇق ھەم يۇمشاق بولسا بۇ كۈچ - ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ، چاچتا جانسىزلىق، چۈشۈش، سارغىيىش، ئاقىرىش ۋە يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.
44 قولنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا قاراش

قول تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىللىق تۇرسا كۈچ - ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ، ئەگەر ئالقان قىسمەن قىزىسا ياكى تەرلەپ مۇزلاپ تۇرسا بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

5قول بارماقلىرىغا قاراش

مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن قول بارماقلىرى سولاشقان، ئاجىز ياكى ئىنچىكە بولۇپ قالغان بولسا، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، ئەگەر بارماقلىرى توق، گۆشلۈك، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولسا، كۈچ - ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

6تىرناقتىكى ئىزلارغا قاراش

چوڭ ئادەملەرنىڭ تىرناقلىرىدا ئىزلار بولىدۇ، بىراق كىچىك بالىلارنىڭ تىرنىقىدا ئىز بولمايدۇ. چوڭ ئادەملەرنىڭ تىرناقلىرىدا ئىزلار پەيدا بولۇپ قالسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

7چىش مىلىكىگە قاراش

كىچىك بالىلاردا چىش مىلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە روشەن بولمايدۇ، چوڭلارنىڭ چىش مىلىكى يىگىلىگەنلىكى بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، چىش ئارىلىقى چوڭايغان، يېمەكلىكلەر ئاسانلا چىش ئارىلىقىغا كىرىۋېلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا، بۇ بەدەننىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى، قېرىشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

8ئۇيقۇسىغا قاراش

چوڭلار ئەگەر بالىلارغا ئوخشاش تېز ئۇخلىيالىسا، ئۇيقۇسى ئېغىر، نەپەسلىنىشى تەكشى، ئۇخلىغاندىن كېيىن تەبىئىي ئويغانسا، كۈچ - ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۇخلىشى تەس، ئۇيقۇسى يەڭگىل بولۇپ ئاسانلا چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتسە، نەپەسلىنىشى ئېغىر ياكى خورەك تارتسا قان ئازلىقنى كۆرسىتىدۇ.

9ھەرىكىتىگە قاراش

ھەرىكەت قىلغاندا، ئەگەر مەيدىسى چىڭقىلىپ نەپىسى بوغۇلسا ھەم ئاسانلىقچە ھاردۇق چىقمىسا، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقتىن بولىدۇ، ئەگەر ئاشۇ ھەرىكەتلەردىن كېيىنمۇ كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرسا، بەدىنى يەڭگىل بولسا، سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈش سەۋەبلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاتلىق ئىچىملىك ئاياللاردا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى پەيدا قىلىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .