تۆۋەندە دىيىلگەن ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈش سەۋەبلىرىنى بىلىۋېلىڭ ، شۇندىلا ئالدىنى ئالالايسىز

ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈش سەۋەبلىرى
 1. ئاز غىزالىنىش. ئاياللار زىيادە ئا غىزالىنىپ، ھەتتا غىزالانماي ئورۇقلىماقچى بولسا، بەدەنگە گىلۇكوزا يېتىشمەي، چېچى چۈشىدۇ.

    2. تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكتىنمۇ چاچ چۈشىدۇ، شۇڭا ئاياللار تۇخۇم سېرىقى، يېشىل كۆكتاتنى كۆپ يەپ تۆمۈر تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    3. ھامىلىدارلىقتىن ساقىلىنىش دورىسى يېيىش. بۇ خىل دورىنى كۆپ ئىستېمال قىلسىمۇ چاچ چۈشىدۇ.

    4. ھۆل تەمرەتكىمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەمرەتكە ساقايغاندىن كېيىن چاچ قايتىدىن چىقىدۇ.

    5. دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    6. قالقانبەزنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ كەتسە ياكى چېكىنىپ كەتسە چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    7. بېسىمنىڭ ئېغىرلىشىشىمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش گۈزەل، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشنىڭ كاپالىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار ئۆزىنىڭ قان تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .