تۆۋەندىكى خانىم-قىزلارنىڭ يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان 10 خىل يېمەكلىكنى بىلىۋېلىڭ

خانىم-قىزلارنىڭ يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان 10 خىل يېمەكلىك

 ▲بانان، سۈت: ئاۋۋال بىر تال باناننى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى پاكىزە يۇيۇۋەتسە تېرىنى سىلىق ھەم پاقىراق قىلىدۇ.

    ▲تۇخۇم ئېقى: تۇخۇم ئېقى بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى پاقىراق قىلىدۇ ھەم يۈزدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ .

    ▲زەرچىۋە پاراشوكى، سۈت: زەرچىۋە پاراشوكى بىلەن سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيگەن داغنى يوقىتىپ، يۈزدىكى سېرىق تۈكلەرنى ئازايتىدۇ.

    ▲ئارپا، پىشلاق، پەمىدۇر شىرنىسى: ئارپا، پىشلاق، پەمىدۇر شىرنىسنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى سۇغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېرىنى پاقىراق قىلىدۇ.

    ▲بەرەڭگە پارچىسى: يۈزىدە سەپكۈن ۋە تاتۇق ئىزى بار خانىم-قىزلار خام بەرەڭگە پارچىسىنى يۈزگە چاپلاپ بەرسە، سەپكۈن بىلەن تاتۇق ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

    ▲تەرخەمەك شىرنىسى: تەرخەمەك شىرنىسى ئەڭ ئېسىل تېرە چىڭايتىش سۇيۇقلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يۈزگە تەكشى سۈرۈپ 15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.

    ▲چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى: چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى تەبئىي ئاقارتقۇچى ئاگېنت بولۇپ، ئۇنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

    ▲ھەسەل: ھەسەلنىڭ تېرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش ھەم قورۇقلارنى ئازايتىش رولى بار.

    ▲ماندارىن شەربىتى: ماندارىن شەربىتى مايلىق تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى بولۇپ، تېرىسى مايلىق خانىم-قىزلار ئۇنى يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە، تېرىدىكى ئارتۇق مايلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرلىشىنى كونتىرول قىلىدۇ.

    ▲ مۇز پارچىسى: مۇز پارچىسى تەر تۈشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ ھەم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار بەدىنى بىلەن چىرايىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش گۈزەل، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشنىڭ كاپالىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .