تېرە ئاسراش مايلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىڭ

تېرە ئاسراش مايلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىڭ

  يۈز يۇيۇش مەلھىمى

    يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى كۆپ ئىشلىتىۋەتكەندە پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ-دە، ئاسانلا تېرىدە مەسىلە پەيدا بولىدۇ. ئەگەر مەلھەم تۈرىدىكى بولسا چىمچىلىقىمىزنىڭ 1-ئۈگىسىنىڭ يېرىمىچىلىك ئالساقلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر سۇيۇق ھالەتتىكىسى بولسا بىر يۈئەنلىك تەڭگە پۇلنىڭ 2/3 چىلىك چىقارساقلا كۇپايە قىلىدۇ.

    ئۆسۈملۈك جەۋھىرى

    ئۆسۈملۈك جەۋھىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئىشلىتىلىش مىقدارى چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى كۆرسەتمىدىن ئېشىپ كەتكەندە تېرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر تېرىڭىزنى ياخشى ئاسرىماقچى بولسىڭىز، داۋاملىق تېرىڭىزگە ماس كلىدىغان جەۋھەرنى ئىشلىتىڭ، بىر قېتىمدا بىر مولۇق تەڭگە پۇلنىڭ 1/2 لىك ئىشلىتىڭ.

    كۆز مەلھىمى

    كۆز مەلھىمىنى ئىشلەتكەندە بىر دانە گۈرۈچچىلىك چوڭلۇقتا ئىشلەتسەك بولىدۇ. كۆز ئەتراپىنىڭ تېرىسى نېپىز بولغاچقا، ئاساسەن دېگۈدەك تەر تۆشۈكچىلىرى بولمايدۇ، شۇڭا كۆز مەلھىمىنى كۆپ ئىشلىتىۋەتكەندە تېرىدە ماي دانچىلىرى پەيدا بولمايدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار ئائىلىدە «يېرىم ئۇستازلىق» رولىنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار بەدىنى بىلەن چىرايىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .