ئېرىنىڭ نەتىجە قازانغان ئادەم بولۇشى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولۇش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىڭىزدىن نۇقسان تاپماڭ، ئۇنى كەسىپداشلىرى بىلەن سېلىشتۇرماڭ، ئۇنى كۆپ ئىشلىتىۋەتمەڭ، ئۇنىڭغا يېقىملىق، سىلىق سۆزلىرىڭىز ئارقىلىق ئىلھام بېرىپ تۇرۇڭ، مەدھىيلەڭ، مەدەت بېرىڭ

ماچرى خانىم :«ئەرلەرنىڭ ئىچىدە ئايالىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، سىز بەك قالتىس، مەن سىزدىن بەك پەخىرلىنىمەن، سىزنىڭ ماڭا مەنسۈپ بولغانلىقىڭىزدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەرلەرنىڭ كۆڭلى يايراپ، خۇشال بولۇپ كەتمەيدىغىنى يوق بولسا كېرەك» دېگەن.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، پاكىس دەيدىغان بىر ئەپەندى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر مال تىرانسىپورت ۋە زاپچاسلار شىركىتى بار ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ: «مەنچە بىر ئەر كىشى پەقەت ئۆز غايىسىدىكىدەك ئادەم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز ئايالىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەكمۇ ئادەم بولۇشى كېرەك. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەن نۇرغۇن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتتىم، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن يۈز كۆرۈشمەي شۇنداقلا سۆزلەشمەي تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋەزىپىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ باقمىدىم. چۈنكى ئايالىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ئۇنىڭ ئېرىگە ئىلھام بېرىش دەرىجىسى ئېرىنىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا مېنىڭ تەجرىبەم ئىسپات بۇلالايدۇ» دېگەن.
 
ئاياللار ئائىلىدە «يېرىم ئۇستازلىق» رولىنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئايالى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئايالىم ماڭا ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، باياشاتچىلىقتا چوڭ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئايالىم ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئائىلىسىدە تولىمۇ بەختلىك قىز ئىدى. مەن بولسام ئانچە تەربىيە كۆرمىگەن بولۇپ، نەتىجە يارىتىش ئارزۇيۇم ھەمدە ئايالىمنىڭ ئىشەنچىسىدىن باشقا پايدىلانغۇدەك ھېس نەرسەم يوق ئىدى. بىز توي قىلغان دەسلەپكى يىللاردىكى جاپالىق كۈنلەردە، يەنى مەن مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق داۋامىدا كۈرەش قىلغان چاغلاردا، ئۇ مېنى چۈشەنگەچكە، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغاچقىلا، مەن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشىمنى ئۇنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ماڭا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆيدىن چىقىدىغان چېغىمدا، ئۇ ‹بۈگۈن ماڭا تاپشۇرىدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟› دەپ سورايتتى. مەن ئۆيگە قايتقاندا بولسا، ئۇ مەندىن بىر كۈنلۈك ئەھۋالىمنى سورايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، مەن دائىملا ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشاتتىم» دەيدۇ.

بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز ئېرىنىڭ ئۆز خىيالىدىكىدەك ئەر بولۇشى، تېخىمۇ باي بولۇشى، يېڭى ماشىنىغا ئېرىشىشى، ئۆزىنىڭمۇ كاتتا كىيىملەرنى كىيىشى ئۈچۈن، ئېرىنى قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئاياللىرىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەڭگۈ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش، ئەرلەرنى ئالغا باستۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. 

ئەرلەرگە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنى كۆڭۈلدىكىدەك كىشىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان تەرىپىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. بۇ بىر پاكىت. ئايال كىشى ئاقىلانە گەپ قىلسا، ئەر كىشى پۈتكۈل قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولىدۇ، ھەتتا ھاياتلىققا قارىتا يېڭى قاراشتا بولىدۇ. چانىستون دېگەن بىر كىشى قەھرىمانلىق كۆرستىش جەريانىدا يارىلانغان بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن بىر پۇتى مىيىپ بولۇپ قالغان. بەختكە يارىشا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرىدىن، يەنى سۇ ئۈزۈشتىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر يەكشەنبە كۈنى دېڭىز ساھىلىغا دەم ئېلىشقا بارغان. ئازراق سۇ ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتىغا دىققەت قىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالغان. كېيىنكى يەكشەنبە كۈنى، ئۇنىڭ ئايالى يەنە دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ دەم ئېلىپ كېلەيلى دېگەن. ئەمما چانىستون ئۆيدە ئولتۇرسام ئولتۇراي، دېڭىز ساھىلىغا بارغۇم يوق، دەپ رەت قىلغان. ئايالى ئۇنىڭغا: «مەن سىزنىڭ نېمىشقا سۇ ئۈزگىلى بارغۇڭىز كەلمىگەنلىكىنى بىلىمەن، سىز پۇتىڭىزدىكى تارتۇقتىن تارتىنىۋاتىسىز» دېگەن. چانىستون:« ئايالىمنىڭ گېپى راست ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلغۇسىز گەپلەرنى قىلدى، مەن بۇ گەپلەردىن بەك خۇشال بولدۇم. ئايالىم شۇ ۋاقىتتا ‹پۇتىڭىزدىكى تارتۇق باتۇرلۇقنىڭ بەلگىسى، بۇ تارتۇق سىزنىڭ شەرىپىڭىز. سىز ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى يوشۇرىمەن دېمەي، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىڭ! يۈرۈڭ، بىللە سۇ ئۈزگىلى بارىمىز› دېدى، بۇ گەپلەرنى ھېلىغىچە ئۇنتۇپ قالمايمەن» دەيدۇ. ئايالى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى تۈگەتكەچكە، چانىستون ئايالى بىلەن دېڭىز ساھىلىغا بارغان ھەمدە تېخىمۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرگەن. 

مەلۇم بىر سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تىجارەت دېرىكتورلىرى كۇلۇبى سېتىش ماھارىتىگە دائىر بىر كۇرۇس ئاچىدۇ. بۇ كۇرۇس جەمئىي بەش كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا 500 دىن ئارتۇق مال ساتقۇچى ۋە تىجارەت خادىمى قاتنىشىدۇ. كۇرۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى تىجارەت ۋەكىللىرىنىڭ ئاياللىرى كۇرۇسقا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ. نەتىجىدە كۇرۇستا بۇ ئاياللارمۇ مەلۇم ھاسىلاتقا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ئەرلىرىنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنى مالنى تېخىمۇ ياخشى سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بەزى ئۇسۇللارنى ئۆگىنىۋالىدۇ. يەنى ئېرىنى ھەر كۈنى ئەتتىگەن خىزمەتكە ئۇزۇتۇپ قويغاندا، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلىش، شۇنداقلا ئامالنىڭ بارىچە ئۇنى خۇشال-خورام ئۇزۇتۇپ قويۇشتەك بىر قاتار ئۇسۇللاردىن خەۋەردار بولىدۇ.

ئېرىڭىز گەرچە مودىدىن قالغان كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنى بەك كېلىشكەن بولۇپ كېتىپسىز، گالىستۇكىڭىز قالتىس ئىكەن دەپ ماختاپ تۇرۇڭ. ئۆتۈپ كەتكەن كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئەتىدىن-كەچكىچە تەگەۋەرمەڭ. ئېرىڭىزگە پات-پات «سىز چوقۇم نەتىجە قازىنالايسىز، ھەممە ئىشىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ، خاتىرىجەم بولۇڭ» دەپ تۇرۇڭ. سەمىمىي مەدھىيلەش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئەرلەرنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر خانىم-قىزلىرىمىز ئۆزلىرىدىن پات-پات «مەن بۇ جەھەتتە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتەلىدىممۇ-يوق؟» دەپ سوراپ تۇرۇشى كېرەك. شۇندىلا بۇ ئائىلە تېخىمۇ بەختكە چۆمۈلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئادەتلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېرە ئاسراش مايلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .