تۆۋەندىكى گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئادەتلەرنى بىلىۋېلىڭ

گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئادەتلەر

  باش قاشلاش
 . بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى ، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا  باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە ، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ ، چاچ چۈشۈش ، چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىش ، چاچقا بالدۇر ئاق كىرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

   تاماق يەپ بولۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇش . بەزى ئاياللار تاماقنى تويغىچە يەپ بولۇپلا پاراڭلىشىپ ياكى تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ . ئەگەر بۇ خىل ناچار ئادەت  ئۇزاق داۋاملاشسا ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ساغرىسى ساڭگىلاپ ، قورساق سالىدۇ ، شۇڭا ئاياللار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مېڭىپ ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە ئىنتايىن پايدىلىق .

   دۈم يېتىپ ئۇخلاش . بىر قىسىم ئاياللار دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇنداق بولۇۋەرسە يۈز بېسىلىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ،  يۈز ئىششىپ ، بارا–بارا چىرايىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ .

   كۆپ تاماق يېيىش . تاماقنى كۆپ يېگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بەدەن گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئاياللار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار ئائىلىدە «يېرىم ئۇستازلىق» رولىنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .