پۇتى سۇلۇق ئىششىيدىغان خانىملار بەك جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى پۇتنىڭ سۇلۇق ئىششىشنىڭ كېسەللىك بولۇشى ناتايىن تەخمىنەن %40 ئوتتۇرا ياشلىق خانىملاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە پۇت ئىششىقى كۆرۈلىدۇ بۇ تەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ رولى پەيدا قىلغان بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىدۇر

ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ھامىلىدارلىق گورمونىنىڭ ھەيز دەۋرىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئوخشىمايدۇ، ئادەتتە ئالدىنقى قېتىملىق ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە تۇخۇمدان تۇخۇم چىقىرىشقا باشلايدۇ، بۇ چاغدا كۆپ مىقداردا ئانىلىق ھورمۇن قويۇپ بېرىلىپ، ھەيزنىڭ ئۇلغىيىپ كېلىشى سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتكەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تولۇقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانىلىق ھورمۇن يەنە تەندە ئالدوستېرون ھورمۇننىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ناترىي ئىيونىنىڭ تەندە يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. تەن سويۇقلۇقىدا ناترىي ئىئون ئېشىپ كەتسە، سۇ تەركىبىنىڭ ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپلەپ تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق سۇلۇق ئىششىق شەكىللىنىدۇ. ئادەمنىڭ پۇتىدىكى ۋېنادا ۋېنا كلاپىنى ئاز بولغاچقا، ھەمىشە پۇتتا قان يىغىپ قالىدۇ، شۇڭا ئادەم سۇلۇق ئىششىسا، كۆپىنچە پۇتى ئىششىيدۇ .
نېمىشقا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇتى ئاسان ئىششىيدۇ ؟

بۇنداق سۇلۇق ئىششىق ھەمىشە ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرىكى يەتتە كۈندىن 14 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرىكى ئىككى – ئۈچ كۈندە ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ھەيز توختىغاندىن كېيىن تېزلا يېنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئايمۇ ئاي شۇنداق بولۇپ، نەچچە يىل، ھەتتا ئون نەچچە يىل داۋاملىشىپ، تاكى ھەيز كېسىلگەندە توختايدۇ.

 شۇڭا پۇتى سۇلۇق ئىششىيدىغان خانىملار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى ھاجەت :

ئوتتۇرا ياشلىق خانىملارنىڭ پۇتى سۇلۇق ئىششىسا، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ، پۇتىنىڭ سۇلۇق ئىششىنىڭ سۈيدۈك يولى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى ۋە بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن بولغان – بولمىغانلىقىنى ئايرىتىشى كېرەك .

پۇتى سۇلۇق ئىششىيدىغان ئاز ساندىكى خانىملار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىپ داۋالانسا، دورا مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ، ئۇنداق دورىلارنى ئىشلىتىشنى توختاتقاندىن كېيىن، ئىششىق ئاستا – ئاستا يېنىپ، داۋالىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .

پۇتى سۇلۇق ئىششىيدىغان خانىملار ئادەتتە تۇزى كەمرەك ئوزۇقلانغىنى مۇۋاپىق، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ياكى ھەيز مەزگىلىدە ئاش – تاماقنى تۇزسىزراق يەپ، سۇ ۋە ناترىينىڭ تۇرۇپ قېلىشنى ئازايتقاندا، سۇلۇق ئىششىقىنى يەڭگىلەتكىلى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابېت قىلىپ قويىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىياتقۇدىن ئاسانلا ۋاز كەچمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .