قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىيابېت كېسىلى، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، جىگەرنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىش مۇمكىن مۇتەخەسسىسلەر قورساق قىسمى يوغىناشقا باشلىغان ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەپلا قالماي، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ

ئىگىلىنىشىچە، بەل ئايلانمىسى كۆرۈنەرلىك يوغىناپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ( 35 ياشتىن 50 ياشقىچە) ئىچىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %25 ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئۆسمىسى ياكى تۇخۇمدان ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بەل ۋە قورساق قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيرىسى ئادەتتە نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، پۇت ۋە مۆرە قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئاسان پارچىلىنىپ ياغ كىسلاتاسىغا ئايلىنالايدۇ.
قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابېت قىلىپ قويىدۇ

 زور مىقداردىكى ياغ كىسلاتاسى گىلۇكوزىنىڭ مېتابولىزىمىغا دەخلى قىلىدىغانلىقتىن، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى بىر مېتىردىن ئاشسا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ دەل دىيابېت كېسىلىنىڭ باشلانمىسى.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھەيز كۆرۈش ھەققىدە چۈشەنچە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نېمىشقا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇتى ئاسان ئىششىيدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .