ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر بىلىۋېلىڭ

ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

1. تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان كۆكتاتلار قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەيز كۆرۈش ۋە تۇغۇت سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاياللاردا يېنىك دەرىجىدە تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ھايۋانات جىگىرى، كالا گۆشى، بېلىق، كەرەپشە، كىچىك يېسسىۋىلەك ۋە قىزىل بۇغداش قاتارلىق تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ئاغىچە (يۇغۇچ) ۋە لامنارىيە سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھازىر %70 ~ %80 ئاياللاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈت بېزى ئۆسمىسى پەيدا بولۇۋاتىدۇ. سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىلىتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: ئاغىچە (يۇغۇچ) قاننى سوۋۇتۇپ زەھەرنى ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە؛ لامنارىيە تەركىبىدە يود مول بولۇپ ھېپوفىز ئالدى ياپراقچىسىنى غىدىقلاپ تۇخۇمدان فوللىكۇلىنىڭ سېرىق تەنچىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

3.تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەر تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەدىنىدە كالتسىي تولۇق بولغان ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بەدىنىدە كالتسىي كەم بولغان ئاياللاردىن %54 تۆۋەن بولىدۇ. يېتەرلىك مىقداردىكى كالتسىي راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى چەكلەشكە پايدىلىق. شۇڭا، ئاياللار كالتسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى، كۈندە سۈت ياكى سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ھەيز توختىغان ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ كۈندىلىك كالتسىي تولۇقلاش مىقدارى 1000 مىللىگىرامدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

4. تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەر بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاياللار ھايۋانات جىگىرى، ھايۋانات بۆرىكى، پالەك، كىچىك يېسسىۋىلەك، قىزىل بۇغداش، كۈدە، بېلىق، تۇخۇم، پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

5. سامساق جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سامساقتا ئاللىتسىن قاتارلىق مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە تەبىئىي ماددىلار بولغاچقا، زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدۇ. شۇڭا، سامساق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار ئاسانلىقچە جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولمايدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار كەچتە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىسا ، ئاسانلا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارنىڭ بىر تەرىپىدىكى تۇخۇمدانىنى كېسىپ ئېلىۋەتسە تۇغقىلى بولامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .