ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، كەچتە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ياكى كېچىچە ئۇخلىماسلىق ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن

ئاياللار كەچتە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىسا ، ئاسانلا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ


   كەچلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغان ئايال كەسپىي خادىملار (سېستىرا ، ئايروپىلان كۈتكۈچىلىرى)نىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %60 كە يېتىدىكەن . ھەر ھەپتىدە ئىككى ، ئۈچ كۈن كېچىچە ئۇخلىمايدىغان ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئاسان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، چىراغ نۇرى قارا گورمۇننىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن .

 قارا گورمۇن راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىكەن ، شۇڭا كېچە ئۇخلىغاندا چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەككەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېرە ئاقارتىش رىتسىپلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .