تېرىڭىزنى ئاقارتماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى رىتسىپلارنى ئىشلىتىپ بېقىڭ

تېرە ئاقارتىش رىتسىپلىرى


  پەمىدۇر
 : ئەگەر يۈز تېرىڭىز قۇرغاق بولسا پەمىدۇرنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ، ئازراق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن  يۇيۇۋەتسىڭىز ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىسىڭىز ، تېرىڭىز ئاستا – ئاستا ئاقىرىدۇ .

   سەۋزە : سەۋزىنى يۇمشاق ئېزىپ ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرە ئاقىرىدۇ .

   تاۋۇز : تاۋۇزنىڭ شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە ، يۈز ئاقىرىدۇ .

   كاۋا : كاۋىنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ھەم بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرسىڭىز ، يۈزىڭىز ئاقىرىپ پاقىرايدۇ .

   قارا شېكەر : 300 گىرام قارا شېكەرگە مۇۋاپىق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن سوۋۇتۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، 10  مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تېرە سىلىق ، پارقىراق ، يۇمران بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار كەچتە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىسا ، ئاسانلا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .