كىشىلەرنىڭ تېرە مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئۈستى قەۋىتىنى ئوراپ تۇرىدىغان تېرە مايلىرى بولسا نەملىكنى ساقلىغۇچى تەبىئىي پاكتۇر ھېساپلىنىدۇ ، تېرە ماي قەۋىتى بولسا ئىشقارلىشىش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئىنتايىن قورقىدىغان بولۇپ ، تېرە ماي قەۋىتى بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە تېرە قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ

تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا :

تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ

 يۇيۇنۇش سۇيۇقلىقىنى تاللاش  قۇرغاق پەسىلدە ئالدى بىلەن مايلىق تېرىگە ماس كېلىدىغان يۇيۇش سۇيۇقلىقى تاللاش . ھەرگىزمۇ ئىشقارلىقى كۈچلۈك سوپۇن ۋە ئەتىر سوپۇن قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك

 سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش : سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 35 سېلتسىيە گىرادۇستىن 40 سېلتسىيە گىرادۇسقىچە كونتىرول قىلىنىشى كېرەك .

 بەك كۈچەپ سۈرتمەسلىك بولۇپمۇ، سۈرتۈپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەككى: مۇنداق قىلغاندا تېرە قەۋىتى بۇزىۋېتىلىدۇ . ھەتتا  باكتىرىيە بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ .

 يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرىنى ئاسراش كېرەك . يۇيۇنۇپ بولۇپ، 5 مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن بەدەننى مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆللۈك تىپىدىكى تېرە ئاسراش مايلىرىنى  سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈز تېرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى خالامسىز ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېرە ئاقارتىش رىتسىپلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .