ئاياللار يۈز تېرىسىنىڭ ئاپئاق ، سۈزۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، شۇڭا خانىم – قىزلار تۈرلۈك پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىشقا ئۇرۇنىدۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، تېرە زىيانغا ئۇچراپ تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئۇنداقتا پەرداز بۇيۇمى ئىشلەتمەيمۇ تېرىنى ئاق ھەم سۈزۈك قىلغىلى بولامدۇ ؟

يۈز تېرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى خالامسىز ؟

   تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز :

 كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىگە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ 20 منۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، يۈز تېرىسى چىڭىپ سىلىقلىشىدۇ .

 كۈندە ئەتىگەندە يۈزىگە يېڭى سۈت سۈرۈپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىدۇ .

 كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە ، لىموننىڭ تەبىئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا تېرىنى ئاقارتىپ ، يۈزدىكى داغ ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ .

 ئالما ، تەرخەمەك پارچىلىرى ياكى تاۋۇز شاپىقىنى يۈزىگە سۈرتۈپ بەرسە ، تېرىنى نەملەشتۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

 مەرۋايىت تالقىنىدىن ھەر كۈنى 2–3 گرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت تالقىنىنى گلتسېرىن بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى سىلىق ، ئاق ، سۈزۈك بولىدۇ . چۈنكى مەرۋايتتا ئاقسىلغا تەۋە كۆپ خىل ئاممىياك كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل مىۋرو ئېلېمىنتلار بولۇپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ياخشىلاپ ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۈمىدۋار ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .