ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، ئۈمىدۋار ئاياللارنىڭ تېنى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ ، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن

   ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ‹‹دەۋرىيلىك ››ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : بىر ئامېرىكىدىكى ھەيز توختىغان 97 مىڭ ئايالنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئۈمىدۋار ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ باشقا ئاياللارغا قارىغاندا %9 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ، ھەر خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ %14 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق .

ئۈمىدۋار ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ

  تەتقىقاتتا ئاياللارنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشى ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولۇش ، ئوقۇغان بولۇش ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولۇش ، تاماكا چەكمەيدىغان ۋە بەدەن چېنىقتۇرىدىغان بولۇشتەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان .

  تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېدى : بۇ بايقاش ئەرلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ ، چۈنكى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئۈمىدۋار ئەرلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېتىمالى ئۈمىدسىز ئەرلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈز تېرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى خالامسىز ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .