ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇشى— ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك

ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبلىرى

   كۆپ گەپ قىلىش : ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گەپنى كۆپ قىلىدىغان بولغاچقا ، روھى كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار روھى ۋە جىسمانىي  جەھەتتىكى ھەر خىل بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ .

   گۈزەللىككە ئىنتىلىش : ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق . چۈنكى گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ئاياللارنىڭ  جەزبىدارلىقى ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . بۇ مېڭە، يۈرەك ، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنىڭ ئېشىشىغا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇزن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق .

   ئاقكۆڭۈللۈك ۋە سىپايىلىق :  ئاياللار ئاقكۆڭۈل ۋە سىلىق –سىپايە كېلىدۇ. ئۇلاردىكى بۇ خىل ئارتۇقچىلىق ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت  مۇقىم بولۇشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق .

   يىغلاش : ئاياللار ئازابلانغاندا يىغلاپ خاپىلىقنى پەسەيتىدۇ . بىراق ئەرلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ . ئاياللارنىڭ يىغلىشى—ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۈمىدۋار ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .