كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋېلىڭ

كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى


 كۆز مېيى ياكى تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش مەلھىمىنى سۈركەپ ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ نەمخۇش تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، تېرىنى يۇمشىتىپ ، قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

   ياخشى ئۇخلىيالماي  قاپاق ئىششىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياستۇقنى مۇۋاپىق ئېگىزلىكتە قويۇش كېرەك . بۇ يۈز قىسمىدىكى تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق .

   جۈخۇا گۈلىدىن ياسالغان ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك . جۈخۇا گۈلىنىڭ جىگەرنى ياخشىلاپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، زەھەر ياندۈرۈش رولى بار . ئەگەر كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى تېرە سەل قىزىرىپ ئىششىپ قالغان بولسا ، 10 گرام سېرىق جۈخۇا گۈلىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە تېز ئۈنۈم بېرىدۇ .

   بەرەڭگە (ياڭيۇ)نى كۆزگە تېڭىش كېرەك . بىر دانە ئاقلانغان بەرەڭگىنى ئېزىپ داكىغا ئوراپ ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىگە بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە تېڭىش كېرەك . بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىششىقنى ياندۇرۇش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيمەسلىكى لازىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .