ياشلىق دەۋرنىڭ بوسۇغۇسىدىكى قىزلارنىڭ سۆڭەك تەركىبىدە سۆڭەك ماددىسىنىڭ رولى تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولىدۇ شۇڭا سۆڭىكىنىڭ شەكلىدە ئاسانلا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ

ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە ، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى ئاساسلىق پۇتنىڭ ئالقىنىغا چۈشىدۇ –دە ، بۇنىڭ تەسىرى داس سۆڭىكىدە كۆرۈلۈپ ، داس سۆڭىكى بوشلۇقىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرىدۇ ، بۇ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن بالا توغۇشىغا نىسبەتەن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ .

تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيمەسلىكى لازىم

   ئۇنىڭدىن باشقا ، داس سۆڭەكتە ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان ئورۇن يۆتكىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، سۆڭەك ھالقىلىرىنىڭ نورمال بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاخىرىدا داس سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىدە غەيرىي شەكىلگە كىرىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ : ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى قىزلار كىيىشكا ئالدىرىمىغىنى ، بولۇپمۇ تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن قىزلارنىڭ بۇنداق ئاياغقا ئالدىراپ ھەۋەس قىلمىغىنى ياخشى .

 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دانىخورەك چىققاندا نەملىك ساقلايدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلەتمەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .