بىر قىسىم ئاياللار ئادەتتە قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ ، بەزىدە كۈنىگە 3~4 ئىستاكان ئىچىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ ئەمما سۈت بېزىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىدا قەھۋە ئىچسە تەسىرى بولامدۇ؟

  ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى سۈت بېزىنى تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ھەيز توختاپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرتۈش ، تەكشۈرتۈشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك ، بولمىسا كۆكرەك قىسمىدا ياخشى خاراكتېرلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ ،دەپ كۆرسەتتى .
 
سۈت بېزىنى تەكشۈرتۈشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېرە سىلىقلىغۇچى مەلھەم مايلارنى سۈرتمەسلىك كېرەك ، بۇنداق قىلىش تەكشۈرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دانىخورەك چىققاندا نەملىك ساقلايدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلەتمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .