ھازىر ياۋروپادىكى ئاياللار ئارىسىدا جورا تاللاشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلى ئومۇملاشتى ، ئۇلار بىر مىنۇتقا قالمايلا ، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەرنىڭ خىيالىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالالايدىغان بولدى ، ئۇ بۇ سۇئالغا پەقەت ئۇ ئەرنىڭ پۇتىدىكى ئاياغقا قاراپلا جاۋاب تاپالايدىكەن

   ‹‹بەدەن ئەزالىرى تىلى›› نى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئەرلەرنىڭ بەش خىل ئاياغ ئۇسلۇبىغا ئاساسەن ، بەش خىل خاراكتېرنى يەكۈنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى سەزدى .

ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى


ئۇلارنىڭ يەكۈنىدە مۇنداق دېيىلدى : بىر خىل ئاياغنىلا كىيىدىغان ھەمدە يېڭى ئاياغ سېتىۋالغاندىمۇ ، ئەسلىدىكى پاسونلۇق ئاياغلارنى تاللاپ كىيىدىغان ئەرلەردە كونىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ ؛ ئاياغنى ئاياپ كىيىدىغان ئەرلەر ئىنتايىن كونسېرۋاتىپ كېلىدۇ ؛ خىلمۇ خىل ئاياغ كىيىدىغان ئەرلەر سېخىي ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ئۇششاق ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدىغان بولىدۇ ؛ دائىم داڭلىق ماركىلىق قارا ئاياغنى كىيىدىغان ئەرلەرنىڭ چوڭ ئەرچىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ ؛ كۆپىنچە ھاللاردا مودا ئاياغ كىيىدىغان ئەرلەر ئېسىل نەرسىلەرگە ئامراق كېلىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .