تەتقىقاتچىلار بىر نەچچە گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى : يالغۇز ئايال ئەرلەر بىلەن بىللە تاماق يېگەندە ، ئىنتايىن ئاز تاماق يەيدىكەن ، تېخى تاماق بۇيرۇتقاندا گۆشلۈك غىزالارنى ئەمەس ، گۆشسىز قورۇمىلارنى كۆپ بۇيرۇتىدىكەن

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر قانچە كۆپ بولسا ، ئاياللارنىڭ بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان كالورىيە شۇنچە ئاز بولىدىكەن . ناۋادا ئاياللار بىلەن تاماق يېسە ، ئۇنداقتا ئۇلار ماروژنا ، شاكىلات دېگەندەك كالورىيىسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتۇپ مەرتلىكىنى نامايەن قىلىدىكەن .

ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىللە تاماق يېسە...

   بۇ ھادىسىگە پىسخولوگلار مۇنداق چۈشەنچە بەردى : ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئىشتىيىنى كونترول قىلىش ، ھەتتا چەكلەش بەلكىم ئاياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ، ئەرلەرگە ئۆزىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلىشقا بېرىلىدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك . چۈنكى ئۇلار بەدىنى زىلۋا بولسىلا ، ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ . شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار تاماقنى ئاز يېيىش ئارقىلىق بۇ نىشانغا يېتىش كويىدا بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار يازدا سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .