قانداق قىياپەتلەر ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ

يول ماڭغاندا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىش. بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىش يۈرەك ۋە ئۆپكىگە پايدىسىز بولۇپ، ئامال بار بېشىنى تىك تۇتۇپ مېڭىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا يۈرەك ھەم ئۆپكە ئىقتىدارى جانلىنىدۇ.

    دۈمچىيىپ ئولتۇرۇش. خەت يازغاندا ياكى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا، دۈمچىيىپ ئولتۇرۇۋالىدىغانلار ئاز ئەمەس، بۇ بەدەن شەكلىنى ئاسان بۇزۇۋېتىدىغان ئادەت.

    ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە مايماق تۇرۇش. ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە بىر تەرەپكە مايماق تۇرۇۋالىدۇ، ئەگەر بۇنداق تۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتسە، بەل ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    كىرىسلودا تۈگۈلۈپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش. ئاياللار كىرىسلودا تۈگۈلۈپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل قىياپەتنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىر ئەڭ چوڭ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا خانىم-قىزلاردىكى تەرلەشنىڭ ئىپادىلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈز تېرىسىنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .