بىر قىسىم خانىم-قىزلار ئۇپىنىڭ داغنى يۇشۇرۇش ۋە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، گىرىمنىڭ تەبئىي بولۇش-بولماسلىقىنىڭ ئۇپىنىڭ رەڭگى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ئ

ادەتتە يازدا يۈزگە سۈرىدىغان ئۇپىنىڭ رەڭگى قىشنىڭكىدىن سەل قېنىق بولۇشى كېرەك. كۆز ۋە قىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇپىنى يازدا ئىشلەتكەندە، ياز تېرىسىنى ئاپئاق تاتىراڭغۇ كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.

ئاۋۋال يۈزىڭىزگە سىناق قىلىڭ مۇۋاپىق ئۇپا تاللاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈش، ئەمما ئۇپىنى بىلەك، قولغا سۈرۈپ كۆرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ ئورۇنلاردىكى تېرىنىڭ رەڭگى بىلەن يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەڭىز سۆڭىكىدىن ئىڭەككىچە بولغان ئارىلىققا ئۈچ خىل رەڭلىك ئۇپىنى سۈرۈپ سىناپ بېقىش كېرەك. رەڭ يەنە بېكىتىلمىگەندە، ئۇپىنى پېشانىگە سۈرۈپ كۆرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان ئۇپىنى تەڭشەپ ئىشلىتىش ئادەتتە يازدا ئۇپا تاللاشتا قىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇپىدىن بىر دەرىجە قېنىق رەڭدىكىنى تاللاش كېرەك. مۇۋاپىق رەڭدىكى ئۇپىنى تاپالمىغاندا، تېرىسىگە ماس كېلىدىغان رەڭدىكى ئىككى خىل رەڭلىك ئۇپىنى تەڭشەپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

ھال رەڭلىك ئۇپا ماس كەلمەيدۇ ھال رەڭلىك ئۇپا يۈزى بەك ئاقلارغا مەس كەلمەيدۇ. ئەگەر گىرىمىمىز تەبىئىي بولسۇن دەيدىكەنمىز، سەل سېرىقراق رەڭدىكى ئۇپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھال رەڭلىك ئۇپا سۈرگەندە تېرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېرىدىكى نۇقسانلار چېنىپلا قالىدۇ.

ـــ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىزلار مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دائىم جۆرە ئالماشتۇرۇش ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .