دىيارىمىز ئاياللىرىدا ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇش ئەدەپ قالماقتا

ھازىر، «ئۆزىڭىز تۇغامسىز ياكى بالىياتقۇنى يېرىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ... »،-بۇ سوئال ئاز بولمىغان تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى.


ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خادىملىرىنىڭ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى ۋە ئۈرۈمچى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن ئەمەلىي ئەھۋال ئىگىلىشىچە، خېلى كۆپ ساندىكى كۆزى يۇرۇش ئالدىدىكى ئىككىقات ئاياللار ئۆزى تۇغۇشنى ئىنتايىن جاپالىق، فىگورىنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ئاستا، ھەتتا ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيىنى بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنى تاللىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئاز ساندىكى ئېغىرئاياغ ئاياللار بولسا تەبىئىي تۇغۇت ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، شۇڭا يەنىلا تەبىئىي تۇغۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇش نىسىبىتى %46.2 گە يەتكەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلىدىغان نىسبەتتىن 3 ھەسسىدىن ئارتۇقراق ئېشىپ كەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، سەھىيە تارماقلىرى ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنىڭ «قىزىتمىسى» نى چۈشۈرۈشكە كۆپ ئورۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.

مۇناسىۋەتلىك كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنى تاللايدىغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سانى ئىزچىل ئېشىۋېتىپتۇ. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەبنى دوختۇرخانا، بىمار ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت 3 تەرەپتىن تەڭ ئىزدەش كېرەك ئىكەن. يەنى، ئاز ساندىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش خادىملىرى ئىقتىسادىي كىرىم قوغلىشىپ، تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارغا ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەۋسىيە قىلىش، تۇغۇت سەللىمازا قىيىنلاشقان ھامان ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەش ئەھۋالى مەۋجۇد ئىكەن. چۈنكى، بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتىدىن كىرگەن كىرىم، تەبىئىي تۇغۇتقا قارىغاندا 2 ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللاردا تەبىئىي تۇغۇت شارائىتى تولۇق تۇرۇپمۇ، ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەلەپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ ئىكەن. دوختۇرلار تەبىئىي تۇغۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە خىزمەت ئىشلىگەن تەقدىرىدىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللار تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ سەۋەبلەر ئاساسلىقى، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق ئازابىدىن قورقۇش، تۇغۇت جەريانىدا كۈتمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئانا-بالىنىڭ ساقلىقىغا تەسىر يېتىش، بەدەن فىگورىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا، بىر قىسىم كىشىلەر پەرزەنتىنىڭ قۇتلۇق بايرام، ئالاھىدە كۈنلەردە تۇغۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، مەلۇم پەيتنى تاللاپ ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇتنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد ئىكەن

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ نۇقسانلىرى

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ ئانىغا پايدىسىز تەرەپلىرى:

1. قان كۆپ كېتىش ۋە ناركوز خەۋپى. كلىنىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشانغاندا ھامىلىدار ئايالدىن چىقىدىغان قان نورمال تۇغۇتنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ستاتىستىكلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشانغان ئايالنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى نورمال بوشانغان ئاياللارغا قارىغاندا يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۆلۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، ناركوز قىلغاندا تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈش، قانسىراش ۋە ئېمبولىيە خاراكتېرلىك كېسەللەر ئىكەن.

2. يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ .

3. ئانىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشتىن پەيدا بولغان ئەگەشمە كېسەللەر ئانىغا ئۆمۈر بويى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش سۈنئىي زەخىملەندۈرۈش بولغاچقا، ئۇ مۇقەررەر ھالدا بەزى ئەگەشمە كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.

4. تۇغقان ئايالنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. تۇغقاندىن كېيىن، ئانىنىڭ نورمال يېمەكلىككە كىرىشىشى كېچىكىدۇ، يەنە سۈت ئاجرىتىشنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا سۈتى يېتىشمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ.

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ بالىغا بولىدىغان تەسىرى

1. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا پايدىسىز. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن، يەل كەلگىچە تاماق يېگىلى بولمىغاچقا، بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئانا بەدىنىدىن ئەمدىلا ئايرىلغان بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە پايدىسىز.

 2. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بالا تۇغۇت يولىدىكى قىسىشنى بېشىدىن كەچۈرمىگەچكە، ئۆپكىسىنىڭ يېتىلىشى نورمال توغۇلغانلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. يەنە، نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك يۈرەكلىك بولالماسلىقى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدە مەسىلە بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. يەنى بوۋاقلار ئۇنىۋېرسال كېسىلى شەكىللىنىشى مۇمكىن، بۇ ئاساسلىقى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىرى، مەسىلەن: تۇنجۇقۇش، ئۆپكە ھۆللۈكى، باش سۈيىنى سۈمۈرۈۋېلىش، ئۆپكە ئېچىلماسلىق ۋە ئۆپكە سۈزۈك پەردە كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نورمال تۇغۇشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى

نورمال تۇغۇش ھامىلىدارنىڭ نورمال بوشىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ھامىلە تۇغۇت يولىنىڭ قىسىشىغا ئۇچراپ، بىر خىل سېزىمچانلىق كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ھامىلە ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى دەل تېگىش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى، تېتىش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق يېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي بوشانغان ئاياللار ئانا بولۇش خۇشاللىقىنى تېخىمۇ كۆپرەك ھېس قىلىدۇ. تەبىئىي تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى بىر قانچە سائەتلىك تولغاق جەريانىدا، ھامىلىنىڭ ئۆپكىسى چېنىقىدۇ. تۇغۇلۇش جەريانىدا، ھامىلىنىڭ نەپەس يولىدىكى باش سۈيى ۋە شىلىمشىق نەرسىلەر چىقىرىۋېتىلىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەگەشمە كېسەللىرىنىڭ يۈز بېرىشى ئازىيىدۇ.

ئەلۋەتتە، تەبىئىي تۇغۇشنىڭمۇ بەلگىلىك نۇقسانلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: چات ئارىلىقى زەخىملىنىشى مۇمكىن، تۇغۇشتا تولغاق تۇتىدۇ، يەنە جىنسىي يولى بوشىشىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ پەقەتلا پايدىسى يوقمۇ ئەمەس، چۈنكى، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇش –– پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ئانا – بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان تېخنىكىلىق ۋاسىتە. ئۇ قىيىن تۇغۇتتا ياكى بوۋاقنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا توغرا كەلگەندە، تېخىمۇ لازىم بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پەرداز قىلىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەمسىز؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .