پەرداز قىلىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەمسىز؟

مەن بىر پەردازچىنى تونۇيمەن، ئۇ ھەقىقىي ئىسمىي-جىسمىغا لايىق پەردازچى، ھەمدە بۇ ساھەدە نام چىقارغان.
تۇرمۇش جەھەتتە مەندىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بۇ كىشى مېنى جەلپ قىلدى، چۈنكى مېنىڭ ئېڭىمدا پەردازچىنىڭ قانچىلىك كارامىتى بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت تېرە ئۈستىگىلا ھۆنىرى ئىشلەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى تەلپۈنىدىغان ئىش ئەمەس.

شۇڭا، مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدىم:«سىز بۇ پەردازچىلىك كەسپىي بىلەن ھەپىلەشكىلى شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ، زادى قانداق ئادەم پەرداز قىلىش ئېپىنى بىلىدۇ؟ پەرداز قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلى زادى نېمە؟» بۇنداق سۇئالغا قارىتا، بۇ ياشلىق گۈللىرى ئاللىبۇرۇن سولىشىپ بولغان پەردازچىنىڭ چېھرىدە چوڭقۇر تەبەسسۈم ئەكىس ئەتتى. ئۇ : «پەرداز قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلىنى ‹تەبئىيىلىك› دىگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ. ئەڭ ئۇستا پەردازچى كەسپىكە ئىنتايىن ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇپ،  باشقىلارغا پەرداز قىلغان كىشىنى خۇددى پەرداز قىلمىغاندەك دىتىگە ماس كەلتۈرۈپ، شەخىسنىڭ خاراكتېرى ۋە تەبئىيىتىنى نامايان قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن تۇرىدىغان پەردازچى شەخىسنى گەۋدىلەندۇرىدۇ، شەخسنى كۆزگە بەكرەك چېلىقتۇرۇپ، باشقىلارنى جەلپ قىلدۇرىدۇ. نائۇستا پەردازچى ئۆرە تۇرۇشى بىلەن باشقىلار ئۇنىڭ ئىنتايىن قېنىق گىرىم قىلغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ بىر قەۋەت قىلىنغان گىرىم ئۆزىنىڭ چىرايىدىكى كەمچىللىك ۋە يېشىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان. ئەڭ ناچار قىلىنغان گىرىم–ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلىغان گىرىم بۇلۇپ،بەش ئەزا ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن، كۆزى كىچىك ئادەم ئەكسىچە قېشىنى قېنىق گىرىم قىلىۋالسا، يۈز قۇرۇلۇشى چوڭ ئادەم ئەكسىچە يۈزىنى ئاپئاق قىلىپ گىرىپ قىلىۋالسا، ئاغزى يوغان ئادەم ئەكسىچە لېۋىنى قىپقىزىل بويىۋالسا.....».  ئويلىمىغان ئىش شۇكى، پەرداز قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلى گىرىمسىز ھالەت بۇلۇپ، بۇ ئەكسىچە ئىنتايىن تەبىئىي بىر ھالەت بۇلۇپ، بۇ مېنى پەردازغا قارىتا يېڭى نەزەردە قارايدىغان قىلدى.

پەردازچى مېنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئىنتايىن دېققەت بىلەن ئاڭلاۋاتقان ھالىتىمنى بايقاپ، يەنە مۇنداق دېدى: « بۇ سىلەرنىڭ ماقالە يازغىنىڭلارغا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ناچار ماقالە دائىم سۆز-جۈملىلەر دۆۋىسى بۇلۇپ، ئاپتورنىڭ خاھىشىنى بۇرمىلايدۇ. ياخشىراق ماقالە جەلىپكارلىقىنى جۇلا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ، ئەمما باشقىلار سىزنىڭ ماقالە يېزىۋاتقىنىڭىزنى بىلىدۇ. ئەڭ ياخشى ماقالە ئاپتورنىڭ تەبئىيىلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بۇلۇپ، سۆز-جۆملىلەرنى مەجبور تىزىپ قويمايدۇ، ئوقۇرمەنلەر ئوقۇۋاتقىنىنىڭ بىرپارچە ماقالە ئەمەس، بەلكى بىر ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى ئىختىيارسىز ھالدا ھېس قىلىشىدۇ».
نېمىدىگەن ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى-ھە! ئەمما، «پەرداز قىلغان كىشى پەقەت تېرە ئاستى-ئۈستىگىلا ئەجىر قىلىدۇ!»-دېدىم مەن ئۇلۇغ كىچىك تىنغان ھالدا.
«خاتا»دېدى پەردازچى. « پەرداز پەقەت ئەڭ ئاخىرقى ئۇچ قىسىمىغا قىلىنغان ئەھمىيىتى يوق دىيەرلىك ئىش، ئۇ ئۆزگەرتەلەيدىغان رىئاللىق ئىنتايىن كىچىك. چوڭقۇرراق  قىسىمغا قىلىنغان گىرىم بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلىلايدۇ، بىر ئايال زاتى تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتسە، يېتەرلىك ئۇخلىسا، ھەرىكەت ۋە ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بەرسە، ئۇ ئايالنىڭ تېرىسى تېخىمۇ بەكرەك ياشىرىپ، روھى جۇش ئۇرۇپ، گىرىم قىلغاندىكىنمۇ بەكرەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە بىر قاتلام چوڭقۇرلۇققا قىلىنغان گىرىم خاراكتېرنى ئۆزگەرتىدۇ، كىتابنى كۆپرەك ئۇقۇپ، سەنئەتتىن كۆپرەك ھوزۇرلىنىپ، كۆپرەك تەپەككۈر قىلىپ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار يۈزلىنىپ، ھاياتلىققا ئىشەنچ بىلەن قاراپ، ئاقكۆڭۈل بۇلۇپ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزىنى قەدىرلىسە ھۆرمەت-ئېكرامغا ئىگە بۇلىدۇ، بۇنداق ئادەملەر گىرىم قىلمىغان تەقدىردىمۇ سەتلىشىپ قالمايدۇ، يۈزگە قىلىنغان گىرىم پەقەتلا «گىرىم» قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئىش خالاس. مەن ئاددى ئۈچ جۈملە سۆز ئارقىلىق چۈشەندۈرسەم، 3-دەرىجىلىك پەرداز يۈزگە قىلىنغان گىرىمدۇر، 2-دەرىجىلىك پەرداز مەنىۋىيەتكە قىلىنغان «گىرىمدۇر»، 1-دەرىجىلىك پەرداز ھاياتلىققا قىلىنغان «گىرىمدۇر».
 

  
پەردازچى ئارقىدىنلا مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «سىلەر ماقالە يازىدىغانلارمۇ ئەمەلىيەتتە پەردازچى ئەمەسمۇ؟ 3-دەرىجىلىك ماقالە جۈملىلىرى پەرداز قىلىنغان ماقالىدۇر، 2-دەرىجىلىك ماقالە ئادەم مەنىۋىيىتى پەرداز قىلىنغان ماقالىدۇر، 1-دەرىجىلىك ماقالە ھاياتلىق پەرداز قىلىنغان ماقالىدۇر، بۇنىڭ بىلەن سىز ‹پەرداز› قىلىشنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟»
مەن بۇ پەردازچى ئايالنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئېھتىرام بىلدۈردۈم،  مېنىڭ پەردازچىغا بولغان بۇرۇنقى دەسلەپكى تونۇشۇمغا نىسبەتەن خېجىللىق ھېس قىلدىم. پەردازچى بىلەن خوشلىشىپ، ئۆيگە قايتىش يولىدا قاراڭغۇ يول ئۈستىدە كېتىۋىتىپ، مۇنداق تەسىراتقا كەلدىم: بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ يۈزەكى قىسمى ھەرگىزمۇ مۇستەقىل مەۋجوت بولغان ئەمەس، ئۇ چوقۇم چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەنىگە ئىگە، ئۇنداقتا يۈزەكى قىسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، يۈزەكى قىسمىنىڭ ئاستى-ئۈستىگە ئەجىر قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىن باشلاپ ئىسلاھ ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئەپسۇس، يۈزەكى قىسمىغا ئەجىر قىلىۋاتقان كىشىلەر دەل  بۇ خىل قائىدىنى بىلمەيدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پەرداز قىلىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەمسىز؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دىيارىمىز ئاياللىرىدا ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇش ئەدەپ قالماقتا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .