گىرىم بۇيۇملىرى ۋە زەھەرلىك ماددا

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 100ئايالغا ئۈچ كۈن يۇيۇش-ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سۈيدۈكىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئاياللار پەقەت ئۈچ كۈنلا يۇيۇش-ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلەتمىسە، بەدەندىكى خىمىيەلىك زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېرىمى ئازىيىدىكەن،


گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن بەدەن يۇيۇش ۋە باش يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا ئورتوفتالىك كىسلاتا تۇزى، گىدروكسى بېنزول كىسلاتا ئېستېرى ۋە ترخلور قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار بار، ئۇلار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئۈچ كۈندە بولىدىغان بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بىزگە ئاددىي ئىشلارنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، مەن ئاياللارنىڭ يۇيۇش-ئاسراش ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا، تەركىبىدە زىيانلىق ماددا ئاز ياكى يوقلارنى سېتىۋېلىشنى، ئىشلىتىش مىقدارى ۋە قېتىم سانىنى ئازايتىپ بەدەنگە زەھەر تازىلايدىغان پۇرسەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھايۋانات گۆشى قىزلارغا تازا يېقىپ كەتمەيدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارنىڭ ياش تۇرۇشىدىكى سىرلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .