قارا رەڭلىك مېۋە–چېۋىلەرنىڭ قېرىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى باشقا مېۋە–چېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ مەسىلەن، قارا ئۈزۈم، قارا ئۈجمە، قارا ئەينۇلا، قارا ئۈرۈك قاتارلىقلار


ئاياللارنىڭ ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ياخشى ئەڭگۈشتەر قارا رەڭلىك مېۋە–چىۋە

  ئوزۇقشۇناسلار مۇنداق دېدى: ‹‹قارا رەڭلىك مېۋە–چىۋىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن، ۋېلىن، كالىتسىي، سىنىك قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكالنى تۈگىتىپ، مېتابولىزىمنى تېزلىتىپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بارغانسېرى ياشىرىپ، گۈزەل بولغىلى بولىدۇ. قارا رەڭلىك مېۋە–چېۋە تەركىبىدە سىئانىدىن، خىلروفىل قاتارلىق پېگمنېت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشىغا قارشى ئىقتىدارى بار.

  قارا رەڭلىك مېۋە–چېۋىنىڭ تەركىبىدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ تەركىبى ئادەتتىكى باشقا مېۋە–چېۋىلەردىن يۇقىرى، بۇ مېنىرال ماددا ئىيونلىرى كۆپىنچە ھالدا ئورگانىك كىسلاتالىق تۇز شەكلىدە مەۋجۇت بولىدۇ. ئورگانىزىمنىڭ ئىيون تەڭپۇڭلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئورۇقلاش، تېرە ئاسراشتىكى ‹‹گۆھىرى››ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، قارا ئۈجمە تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئاممونىي كىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا، كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان ھاسىل قىلىدىغان قىزىل ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، ئورگانىزىمنىڭ ئارتېرىيە ۋە سۆڭەك بوغۇمىنىڭ قېتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن ئۈجمىنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولغاچقا، قىزىيولوگىيەلىك دەۋردىكى ۋە ئاشقازان – ئۈچەي خىزمىتى ياخشى بولمىغانلار سوغۇقى ئېشىپ كېتىش، قورسىقىنىڭ ئاغرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، قارا ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە مول بولغان مىنېرال ماددا ۋە ئاممونىي كىسلاتا بار بولۇپ، نېرۋىنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە ھەددىدىن زىيادە چارچىشىنى يېنىكلىتىشكە پايدىسى بار. قارا ئەينۇلانىڭ قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار ئەتىيازدا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .