يېقىندا مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېيىشتى: تەتقىقات نەتىجىسى ئاياللارنىڭ توسۇلۇش مەنبەلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئەرلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

 تاماكا چېكىش، ياش قاتارلىق ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئاياللارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يەنىلا ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى دەلىللەندى. بۇ، بۇخىل ئۆپكە كېسىلى بىلەن جىنىس ئايرىمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: توسۇلۇش مەنبەلىك ئۆپكە كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىش خەۋپىنىڭ جىنىسقا باقىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتۇق، بۇ بەلكىم ئاياللارنىڭ نەپەس يولى سىستېمىسىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك،ئاجىز ئىكەنلىكنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. ئاياللار ئادەتتە ئۆپكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىپ تاماكا چەكمەسلىكى، تاماكا ئىسى قويۇق يەردە تۇرماسلىقى، ئاشخانا بۇسىدا ئۇزاق تۇرۇشتىن ئامال بار ساقلىنىپ، سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى زۆرۈر.


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى قاپاق تارتىشنىڭ سىگنالى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .