ئەتتىردىكى بىلىملەر


               ئەگەر ئەتىر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. شۇڭا ، ئەتىر ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:

               ئەتىرنى بەك كۆپ چاچماڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن كۈچلۈك پۇراق  ئەتراپتىكى كىشىلەرنى بىزار قىلىپ قويۇشى مۈمكىن .

                ئوخشاش بولمىغان ئەتىرلەرنى بىرلىكتە ئىشلەتمەڭ،چۈنكى بۇنداق قىلغاندا  ئەتىرنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدە پۇراقنى نامايەن قىلغىلى بولمايدۇ ھەم ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كېتىپ غەيرى پۇراق تارقىتىشى مۈمكىن .

               تەرلىگەن ۋاقىتتا تېرىگە بىۋاستە ئەتېر چاچماڭ.

                ئەتىرنى ئولتۇرا بىنەپشە نۇر چۈشۈدىغان يەرگە چاچسا داغ پەيدا قىلىپ قىلىپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشۈدىغان يەرلەرگە چاچماسلىق كېرەك.

                داغ پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئاق رەڭلىك كىيىملەرگە ئەتىر چاچماڭ.

               ئەتىر  ئۈنچە-مەرۋايىت، ئالتۇن- كۆمۈش قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىغا تىگىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئەتىر چېچىپ  بولغاندىن كېيىن ئاندىن زىبۇ -زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىسا بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ، بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.

                بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئەتىر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئەتىرنىڭ تەركىبىدە ئىپار بار بولۇپ بۇۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەكس تەسېر كۆرسىتىشى مۇمكىن. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىشتا تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .